رۇسىيە چەتئەللىكلەرنىڭ سودىسىغا چەك قويدى


2007.04.01

رۇسىيە ھۆكۈمىتى چىقارغان چەتئەللىكلەرنىڭ رۇسىيە تۇپراقلىرىدا پارچە سېتىش سودىسىغا چەك قويىدىغان قانۇنى 1-ئاپرىلدىن ئېتىبارەن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى.

رۇسىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، رۇسىيە دائىرىلىرى بۇ قانۇن ئارقىلىق قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەش ھەمدە رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، قانۇن بويىچە بارلىق بازارلاردىكى سودا دۇكانلىرىدا پەقەت رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭلا سودا قىلىش ھوقۇقى بار ئىكەن.

بۇ قانۇن موسكۋا قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى سودا بازارلىرىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇكان ئېچىۋاتقان چەتئەللىكلەر بولۇپمۇ، خىتاي پۇقرالىرىغا قاتتىق زەربە بولغان. چۈنكى، ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، موسكۋادا خىتايلارنىڭ ئاچقان بىر قانچە سودا نۇقتىلىرى بار ئىكەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدىكى خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان ۋلادىۋوستوك، خاباروۋسكى قاتارلىق چوڭ كىچىك شەھەرلىرىدە خىتاي سودىگەرلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. رۇسىيىنىڭ بۇ قانۇنى سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان خىتايلار ماللىرىنى ئەرزان سېتىپ كېتىشكە باشلىغان ۋە ياكى رۇسىيىلىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىش يولى ئىزدىگەن. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇ قانۇن تۈپەيلىدىن مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى كېلىپ چىقىشىنى پەرەز قىلماقتا.

رۇسىيىنىڭ بۇ قانۇننى چىقىرىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى چەتئەللىكلەرنىڭ بازارنى كونترول قىلىۋېلىشى شۇنىڭدەك ئۆتكەن يىلى بىر قانچە بازارلاردا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋە توقۇنۇشلار بولۇپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەم قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. موسكۋا ساقچىلىرى كۆپ قېتىم تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق كۆپلىگەن قانۇنسىز خىتاي ئاققۇنلىرىنى قولغا ئالغان.

قىرغىزىستانمۇ ئوخشاش بىر قانۇن چىقىرىپ، چەتئەللىكلەرنىڭ سودىسىنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.