رۇسىيىنىڭ يۇكوس شىركىتىنى خىتايلار سېتىۋالغان بولۇشى مۇمكىن


2004.12.31

رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي نېفىت - تەبىئىي گاز شىركىتى رۇسىيە يۇگانسكي بېفىت - گاز شىركىتىنىڭ 20 ٪ پېيىنى سېتىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. رۇسىيە دۆلەت نېفىت شىركىتى، يېقىندا يۇكوس شىركىتىنىڭ قارمىقىدىكى يۇگانسكي نېفىت گاز شىركىتىنى 9 مىليارد 400 مىليون دوللارغا سېتىۋالغان. رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ۋىكتور كرىستىنكو، رۇسىيە بىلەن خىتاي، ئىككى دۆلەت نېفىت شىركەتلىرىنىڭ مال - مۈلكىنى ئۆز - ئارا سېتىۋېلىشقا يول قويۇش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. كرىستىنكو بۇ كېلىشىمنى، " خىتاي - رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسىمى،" دەپ كۆرسەتكەن. رۇسىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى يۇكوس نېفىت شىركىتىنى سېتىپ، بۇ شىركەتنىڭ قېپ قالغان تۆلەشكە تېگىشلىك بېجىنى ئۈندۈرىۋالدى.

بىراق، يۇكوس شىركىتىنى قوللىغۇچىلار، يۇكوسنى جازالاش شىركەت خوجايىنى كودوركوۋسكىيدىن سىياسى ئۆز ئېلىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارىماقتا. باج ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن كودوركوۋسكىي، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ يىل نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى، خىتاينىڭ نېفىت ئېنېرگىيىسىگە بولغان ئىھتىياجىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى داچىڭ بىلەن رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە ئارىسىغا نېفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇشنى پىلانلىغان. بىراق رۇسىيىئە بۇ پىلانغا ئىھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيىگە تۇتۇشىدىغان ئانگارىسكىي - ناخودكا نېفىت تۇرۇبا يولىدا ئىش باشلاشنى قارار قىلغان.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.