رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن كېلەر ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ


2006.02.21

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن كېلەر ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي - رۇسىيە سىياسى ۋە سودا - ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىش مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋنىڭ مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى زىيارەت جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2006 - يىلنى خىتاي بويىچە "رۇسىيە يىلى" قىلىپ بېكىتكەن. ليۇ جيەنچاۋ، پۇتىننىڭ زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ،" بۇ زىيارەت جۇڭگونىڭ رۇسىيە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم ۋاقىت ۋە يىلغا توغرا كەلمەكتە " دېدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسىنىڭ سۆھبىتى ئىككى دۆلەت كۆڭۈل بۆلۈدىغان خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە چېتىلىشى مۈمكىن.

موسكۋا بىلەن بېيجىڭ شاڭخەي گۇرۇھىدىكى يېتەكچى دۆلەتلەر بولۇپ، رۇسىيە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى، خىتاي رۇسىيىنىڭ چېچىنىيىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللىغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەربىي بازا قۇرۇپ، رايوندىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىشكە باشلىغاندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن خىتاي ھەمكارلىق قەدىمىنى تېزلىتىشكە باشلىدى.

رۇسىيە بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى خىتاي بىلەن ياپونىيىنى رىقابەتكە سېلىپ قويغان سىبىرىيە- تىنچ ئوكيان نېفىت تۇرۇبىسىدا قۇرۇلۇش باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ زىيارىتى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان دەۋرىگە توغرا كەلمەكتە. لېكىن ليۇ جيەنچاۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ كونكرېت زىيارەت كۈنىنى بېكىتىشكە توغرا كېلىدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.