رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، رۇسىيىنىڭ دۆلەتلىك "روسوبورون ئەسكىسپورت" شىركىتى خىتاي بىلەن 38 دانە Il-76MD ناملىق توشۇش ئايروپىلانى ۋە ئىل-78مك ناملىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايرپوپىلانى سېتىپ بېرىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇسىيە 2006-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئارقىلىقتا خىتايغا 240 دانە D-30KP-2 تىپلىق ئايروپىلان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ماشىنىسى سېتىپ بېرىش كېلىشىمىمۇ تۈزگەن ئىكەن.
مەزكۇر قورال-ياراق سودىسىنىڭ باھاسى ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىگە توختىغان بولۇپ، 2006-يىلى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ماشىنىلاردىن 64 خىتايغا ماڭدۇرىلىدىكەن.
خىتاي ھازىر رۇسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ قورال-ياراق سودا شېرىكى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى رۇسىيىدىن ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلان، ئىلغار سۇ ئاستى پاراخودى ۋە ئايروپلان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ماشىنىسى قاتارلىق ھەر خىل يۇقىرى ھەربىي پەن- تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي رۇسىيىدىن Su-27 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى قوراشتۇرۇش رۇخسىتىنىمۇ مەلۇم مۆھلەت بويىچە سېتىۋالغان بولۇپ، گەرچە خىتاي بۇ ئايروپىلانلارنى قوراشتۇرغان بىلەن بەرى بىر ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ماشىنا قاتارلىق بىر قىسىم مۇھىم ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆزى ئىشلەپ چىقىرالمىغانلىقى ئۈچۈن يەنىلا رۇسىيىدىن سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان ئىكەن.(ئۈمىدۋار)