"رۇسىيە يىلى" پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن رەسمى زىيارەت بىلەن 21 - مارت كۈنى بېيجىڭغا كەلگەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
خىتاي ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى بېكىتىلگەن "دۆلەت يىلى" پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئۇيۇشتۇرۇلغان "رۇسىيە يىلى" غا ۋلادىمىر پۇتىن باشلامچىلىقىدا رۇسىيىنىڭ سىياسەت، سودا-سانائەت، مەدەنىيەت ۋە باشقا ھەر ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كەلگەن بولۇپ، كېلىشىم بويىچە 2007-يىلى رۇسىيە ھۆكۈمىتى مۇشۇ خىلدا مەخسۇس " خىتاي يىلى" ئۆتكۈزىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى "رۇسىيە يىلى" ئۆتكۈزۈش ھەم ۋلادىمىر پۇتىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ناھايىتى زور دەرىجىدە تەييارلىقلارنى ئېلىپ بارغان. پرېزىدېنت پۇتىن بىلەن خۇ جىنتاۋ مەخسۇس يېپىق شەكىلدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇلار ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ھەمدە رۇسىيە-خىتاي ئىستراراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۈكسەك سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئىككى كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا رۇسىيە بىلەن خىتاي 29 كېلىشىمگە قول قويغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە "رۇسىيە-خىتاي بىرلەشمە باياناتى" دىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە ۋە پۇل-مۇئامىلە، مەدەنىي-مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ئىكەن.
رۇسىيىنىڭ ئىتارتاسس، لېنتا.رۇ ھەمدە خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، خىتاي تەرەپ رۇسىيە بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مۇھىم مۇددىئا قىلغان، ۋىلادىمىر پۇتىن شەرقىي سىبىرىيىدىن خىتايغا تۇتىشىدىغان ئايرىم نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى قۇرۇشقا ھەمدە رۇسىيىنىڭ ئالتاي رايونىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تۇتىشىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇپ، 2011-يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە ماقۇللۇق بىلدۈرگەن.
لېكىن، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ باھالىشىچە، نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى مەسىلىسىدە خىتاي كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولۇپ، بۇ يەردە ھېچقانداق كونكرېت لايىھە ۋە ياكى كېلىشىمگە قول قويۇلمىغان، پەقەت ئاغزاكى قوشۇلۇشقىلا ئېرىشكەن خالاس. بىر قىسىم غەرب كۆزەتكۈچىلىرى ۋلادىمىر پۇتىنىڭ خىتاي بىلەن ئېنېرگىيە، ھەربىي ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە قويۇق ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، خىتاينى ئۆزىنىڭ غەربكە قاراتقان ئىستراتېگىيىسى ئۈچۈن قەرت قىلىپ ئويناۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.(ئۈمىدۋار)