رۇسىيە خىتايدىن ئىشچى قوبۇل قىلىدۇ


2006.04.23

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى رۇسىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەلۇماتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدىكى چىتا ئوبلاستىنىڭ باشلىقى خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا رەسمىي بىلدۈرۈش ئېلان قىلىپ، 2006-يىلى چىتا ئوبلاستىنىڭ خىتايدىن قوبۇل قىلىدىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ سانىنى 10 مىڭغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ خىتاي ئەمگەكچىلىرى مەزكۇر رايوندىكى تۈرلۈك قۇرۇلۇشلاردا ۋە كۆكتاتچىلىق مەيدانلىرىدا ئىشلەيدىكەن.

رۇسىيە دائىرىلىرى خىتاي ئەمگەكچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇلارنىڭ رۇسىيە قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلسا، دەرھال خىتايغا قايتۇرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى مەزكۇر ئوبلاست 1500 نەپەر خىتاي ۋە باشقا چەتئەللىكنى ئۆز دۆلىتىگە ھەيدىۋەتكەن ئىكەن.

ھازىر رۇسىيىدە "خىتاي تەھدىت" ئىدىيىسى كۈچىيىۋاتقان شۇنىڭدەك خىتايلارنىڭ رۇسىيىنىڭ ئادەم شالاڭ يىراق شەرقىگە كىرىپ ماكانلىشىشىنى چەكلەش پىكىرلىرى كۈنسايىن ئۇلغۇيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، يېقىندىن بۇيان موسكۋا سىياسەت ساھەسىدىكى بىر قىسىم ئەربابلار خىتايلارنى كۆپلەپ رۇسىيىگە ئېلىپ كېلىپ ئۇلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق يىراق شەرق ۋە سىبىرىيە رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، موسكۋا ھۆكۈمىتىنى خىتاي تەھدىدىدىن ئەندىشە قىلماسلىققا ئۈندەشتەك ماداراچىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارغان. ئەنە شۇنىڭ سەۋەبىدىن چىتا ئوبلاستى قاتارلىق رايونلار خەلقنىڭ نارازىلىقلىرىغا قارىماي، خىتاي ئىشچىلىرىنى كۆپلەپ ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن. خىتايلارنىڭ بۇ رايونلاردىكى كۆپ ئىش ئورۇنلىرىنى ئىگىلىۋېلىشى يەرلىك رۇسلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى پەيدا قىلغان ئىكەن.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.