رۇسىيە سودا جەھەتتە خىتايغا نارازى بولماقتا


2006.06.11

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سودىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گۈللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيىلىكلەرنىڭ نارازىلىقلىرىمۇ ئوخشاشلا كۈچەيمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ موسكۋادىكى مۇخبىرىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، رۇسىيە خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىدە خىتاينىڭ كۆپ پايدا قازىنىۋاتقانلىقىدىن نارازى بولماقتا. رۇسىيىنىڭ تۆمۈر يول ئارقىلىق خىتاي تارتىدىغان نېفىت مىقدارى كۆپىيىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما رەڭلىك مەتال، خىمىيىلىك ئوغۇت، ماشىنىسازلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتايغا تارتىلىش مىقدارى ئازلىغان.

خىتاي رۇسىيىنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە ماشىنىسازلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى ئازايتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خام نېفىت، تەبىئىي گاز، ياغاچ ماتېرىياللىرى ۋە باشقا يەر ئاستى بايلىقلىرىنى سېتىۋېلىشقا كۆپرەك كۈچ چىقارغان. نەتىجىدە، رۇسىيە دائىرىلىرى نۆۋەتتە، رۇسىيىنىنىڭ خىتاينىڭ خام ئەشيا مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، بۇ سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە، خىتايغا كۆپرەك مەنپەئەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن نارازى بولۇشقان.

خىتاي پەقەت رۇسىيىنىڭ ئىلغار ئايروپىلانلىرى قاتارلىق ھەربىي قورال-ياراقلىرىنى سېتىۋېلىشتىلا رۇسىيىگە پايدا ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم رۇسىيە كۆزەتكۈچىلىرى بۇنىمۇ ۋاقىتلىق ھادىسە دەپ قارايدىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.