رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس باھا بەردى


2006.09.13

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن يېقىندا رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالغاندا، "تارىختا بىز رۇسىيە-خىتاي مەڭگۈ قېرىنداش" ناملىق ناخشىنى ئېيتقان ئىدۇق. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت تەشۋىقات ھالىتىدىلا قالغان، ھەتتا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كۆپچىلىككە مەلۇم بولغان كۆڭۈلسىز تارىخىي مۇساپىلەرمۇ بولغان، بىراق ھازىر مۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس" دېگەن.

بۇ ھەقتە خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇچۇر بەرگەن بولۇپ، ۋلادىمىر پۇتىن ھازىر رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا سىياسەتتىكى مەيدانىنىڭ ماس كېلىشىدىن باشقا يەنە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرىنىڭمۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىم قىسىمى ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدەك رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونىدىن خىتايغا ئىككى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما، پۇتىن خىتايغا نېفىت تۇرۇبىسى تۇتاشتۇرۇپ، خىتاينى نېفىت بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدە ھېچ نېمە دېمىگەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، پۇتىن رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە سىياسەتچىلىرى ئارىسىدا يەنىلا خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇقتىن گۇمانلىنىش، ئىشەنمەسلىك خاھىشلىرى ھەتتا يىراق شەرق خەلقى ئارىسىدا خىتاي تەھدىدى كۆز قارىشى داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.