3-ئاينىڭ 4-كۈنى رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى باش شتاب باشلىقى گېنېرال ئارمىيە بالۇيېۋسكىي بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، 4 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى. ئەنگلىيە رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گېنېرال بالۇۋېۋسكىينىڭ مەقسىتى خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن ئىككى دۆلەت ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنىڭ ئىستىقبالى، ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە قورال-ياراق سودىسى شۇنىڭدەك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋېر ئۆتكۈزۈش پىلانى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەر بويىچە مۇزاكىرەلىشىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەكشەنبە كۈنى خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۇ بوشۇڭ، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇئاڭچۇەن قاتارلىقلار بېيجىڭدىكى بىرىنچى ئاۋغۇست بىناسىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا بالۇيېۋسكىي بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەن.
گۇ بوشۇڭ سۆزىدە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ " ئەۋلادتىن ئەۋلاد دوست بولۇش، مەڭگۈ دۈشمەنلەشمەسلىك پرىنسىپى بويىچە " ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.
ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، رۇسىيە بىلەن خىتاي 2007-يىلى، 7-ئايدا " تىنچلىق ئۈچۈن" دېگەن نام ئاستىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋېر ئۆتكۈزۈشكە پۈتۈشكەن بولۇپ، 2005-يىلى بۇ ئىككى دۆلەت تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەمدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋېر ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ ئامېرىكا، قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەن ئايدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئامېرىكىنى تەنقىد قىلىپ، ۋاشىنگتوننىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
تەھلىللەردىن قارىغاندا رۇسىيە-خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى يەنە ئىران، ئىراق ۋە ئافغانىستان شۇنىڭدەك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق ھەم رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)