رۇسىيە خىتاي ماللىرىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتتى

خەلقئارا مىقياسىدا خىتاي ماللىرىغا بولغان كونتروللۇق ۋە نازارەت قىلىش ھەتتا چەكلىمە قويۇش ئىشلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، رۇسىيە تاموژنا دائىرىلىرى يېقىندا خىتاي ماللىرىغا بولغان كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى بېكىتكەن.

شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ 28-ماي تارقاتقان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 5-ئاينىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدىكى تاموژنا ئورگانلىرى خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىرگە رۇسىيىگە ئېلىپ كىرىدىغان نەرسە-كېرەكلىرىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ, ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە رۇسىيىگە ئېلىپ كىرىدىغان بارلىق يۈكلىرىنىڭ 35 كىلوگرامدىن ئاشماسلىقىنى بەلگىلىگەن. ئەگەر ئېشىپ كەتسە ھەر بىر كىلوگرامغا تۆت دوللار ھەم 30 %تىن يۇقىرى باج تۆلەش بەلگىلەنگەن.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ، چەتئەللىكلەرنىڭ رۇسىيىدە ئەركىن سودا قىلىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، بۇ خىتاي سودىگەرلىرىگە ئېغىر زەربە بولغان. نەتىجىدە, كۆپلىگەن خىتايلار ماللىرىنى ئەرزان سېتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى تۇتۇش ۋە چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)