رۇسىيە خىتاي بىلەن ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشنى رەت قىلغان


2007.08.01

خىتاينىڭ 'ئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەرلىرى'دە مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۆت خىل ئاپتوموبىل قوراشتۇرىدىغان 380 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تىجارەت پىلانى تۈزۈلگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ بۇ پىلانغا بۇ يىل 9 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى ئىمزا قويماقچى ئىكەن. ئەمما يېقىندا، رۇسىيە تەرەپ بۇ پىلان لايىھىسىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ سەۋەب كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان.

خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ماشىنىسازلىق شىركەتلىرى خىتاي بازىرىدا شۆھرەت قازىنالمىغان ئاپتوموبىل، پىكاپ ۋە ئائىلىۋىي ساياھەت ماشىنىسى قاتارلىقلارنىڭ ماركىسىنى رۇسىيىدىكى مەشھۇر ماركىلارغا ئۆزگەرتىپ ۋە ئۇنىڭ باھاسىنى ئەرزانلىتىپ سېتىپ ياخشى نام ۋە كۆپ پايدا قازىنىشنى ئويلىغان ئىكەن.

ئەمما بۇ جەرياندا، دۇنيادىكى ۋولۋو، فورت، نىسان، كرىياسلېر، تويوتا قاتارلىق باشقا مەشھۇر ئاپتوموبىل شىركەتلىرى رۇسىيىدىكى ماشىنا بازىرىنىڭ ئىستىقبالىغا كۆز تىكىپ، رۇسىيە بىلەن تېخىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق بولغان تىجارەت پىلانلىرىنى تۈزۈپ بولغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.