رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتاي - رۇسىيە قىسىملىرىنى ئاساس قىلىپ رۇسىيىنىڭ ئۇرال رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ "تىنچلىق ئەلچىسى 2007 " ناملىق ھەربىي مانېۋىرىنىڭ تەييارلىقى ئاساسەن پۈتۈپ قالغان.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوف " تىنچلىق ئەلچىسى 2007" ناملىق ھەربىي مانېۋىر 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە ئۇرال رايونىنىڭ چېليابېنىسكىي ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە مانېۋىرنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلاردىكى تەييارلىق خىزمىتى پۈتۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سېرگېي ئىۋانوف، ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سېستىمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى تەنقىدلەپ، بۇ پىلان ھەربىي ۋە ئىستىراتېگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپلا قالماي، رۇسىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم ش ئا ئو ئە ت بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە دەخلى يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
خىتاي بولسا ئامېرىكىنىڭ چېخ جۇمھۇريىتىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا ئانچە ئېتىبار قىلماي كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە ۋە ئاۋستىرالىيىلەر بىلەن بىرلەشمە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سېستىمىسى قۇرۇشى پىلانىغا قارشى چىقماقتا.
ئالدىنقى كۈنى شاڭخەي گۇرۇھىدىكى ئەللەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەككە يىغىلىپ، بۇ قېتىمقى مانېۋىرنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە مانېۋىر توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى. قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە ئىسمائىل ئىساقوف، مانېۋىر ھەققىدىكى كېلىشىم شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم ھۆججەت، دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا 1500 كىشىلىك ھەربىي قوشۇن قاتناشتۇرماقچى ئىكەن. (ئەركىن)