خىتاي ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئىلى ئارقىلىق رۇسىيىگە يېتىپ بېرىپ مانېۋىر تەييارلىقى كۆرمەكتە
2007.07.31
خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان "تېنچلىق بۇرچى 2007 " ناملىق ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە قىسمىنىڭ تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلىرى رۇسىيىگە يېتىپ بارغان.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقى 30 - ئىيۇل كۈنى، خىتاينىڭ " تېنچلىق بۇرچى 2007 " مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە قىسمىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي ئايرودرۇمىدىن ئۇچۇپ، رۇسىيىدىكى بارناۋۇل ئايرودرۇمىغا قونغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغان قىسىملار ئىچىدىكى تۆمۈر يول ئارقىلىق يولغا چىققان كوماندىر - جەڭچىلىرى 28 - ئىيۇل كۈنى رۇسىيىگە يېتىپ بارغان.
" تېنچلىق بۇرچى 2007 " ناملىق تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر 9 - ئاۋغۇستتىن 17 - ئاۋغۇستقىچە، ئۇيغۇر ئىلى ۋە رۇسىيىنىڭ چېليابىنىس ئوبلاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەزكۈر مانېۋىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوراللىق كۈچلىرى قاتنىشىدىغان تۇنجى قېتىملىق تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ھېسابلىنىدىكەن.
چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە مانېۋىر ئېلىپ بېرىشىدىكى مەقسىدى ،ھېچقانداق تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارمىغان ئۇيغۇرلارنى تېررورچىلار دەپ قارىلاپ، ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە . (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى: ئامېرىكا تەيۋەننى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە
- قىرغىزىستان بىلەن ئامېرىكا 2008-يىلى ئامېرىكىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ
- شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ ھەربىي مانېۋىرغا تەييارلىق قىلىنماقتا
- ياپونىيىنىڭ "مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى"دا خىتاي ھەربىي كۈچىدىن ئاگاھ بولۇش تەكىتلەندى
- خىتاي - رۇسىيە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ تەييارلىقى پۈتكەن
- پېتېر پېيس خىتايلارنىڭ ھەربي خىراجىتى جەھەتتە ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى
- رۇسىيە خىتاي ماللىرىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتتى
- ۋاڭ لېچۈئەن موسكۋادىكى خىتاي-رۇسىيە سىياسىي پارتىيىلەر يىغىنىغا قاتناشتى
- رۇسىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن ۋاپات بولدى
- ياپونىيە، ئامېرىكا، ھىندىستان بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى