رامسفېلد رۇسىيە ۋە خىتاي سىياسەتلىرىنىڭ كىشىنى ئەندىشىلەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى


2006.05.11

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنى سىياسىي قورال قىلىۋېلىشى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى قاتارلىق بىر يۈرۈش سىياسەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رامسفېلدنىڭ بۇ سۆزلىرى فرانسىيىدە چىقىدىغان "لې فىگارو" كۈندىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، رامسېفېلد سۆزىدە يەنە، " ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى دىققىتى ئىراق بىلەن ئافغانىستاندا، بىراق كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى رۇسىيە بىلەن خىتايغا ئوخشاش كۈچلەرنىڭ تاللىشىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ" دېگەن.

رامسفېلدنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتىنى روشەن تۇتماسلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە ئىكەن. ئۇ يەنە، " خىتاينىڭ بەزى مەسىلىلەردىكى پوزىتسىيىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. شۇندااقلا بۇ ئەھۋال ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋاتىدۇ" دەيدۇ.

رامسفېلد سۆزىدە يەنە، مول تەبىئىي بايلىقىغا ئىگە بولغان رۇسىيىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى بىر ھەمرىيى ئىكەنلىكىنى، لېكىن رۇسيىنىڭ بەزى مەسىلىلەردە ياخشى ھەمكارلاشماي، ئېنېرگىيە مەنبەسىنى سىياسىي قورال قىلىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېينىمۇ رۇسىيىنى ئەيىبلەپ، " ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن پايدىلىنىپ، قوشنا دۆلەتلىرىنى قاقتى-سوقتى قىلىۋاتىدۇ" دېگەن ئىدى.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.