رۇسىيە قورال - ياراق سانائىتى، خىتايغا قايسى خىل تېخنىكىلارنى ئېكسپورت قىلىشقا بولىدىغانلىقى ئۈستىدە بىر قارارغا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئېكسپورتىدا ئېغىر چېكىنىش بولدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ رۇسىيىدە چىقىدىغان نېزاۋىسىمايا گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاناتولي سېرديۇكوف يېقىندا خىتايغا ھۆكۈمەت زىيارىتىگە بېرىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاياقلىشىشتىن ئىلگىرى رۇسىيە قورال - ياراق ئېكسپورتى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدىكەن.
مەزكۇر گېزىتتە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە قورال - ياراق ئېكسپورتىنىڭ 40 پىرسەنت كىرىمى خىتايغا ئېكسپورت قىلىدىغان قورال - ياراقلاردىن كېلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال - ياراق ئېكسپورتىدا يېقىندىن بۇيان ئېغىر چېكىنىش كۆرۈلگەن. بۇ ھەتتا نۆل پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر رۇسىيىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قورال-ياراق ئېكىسپورتىدىكى چېكىنىشنى، ئاساسلىقى خىتايغا قايسى خىلدىكى تېخنىكىلارنى ئېكسپورت قىلىش توغرىسىدىكى تالاش- تارتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر سەۋەب، ھازىر رۇسىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلارنى ھىندىستانغا ئېكسپورت قىلىشنى بەكرەك خالايدىغانلىقى خىتاي گېنېراللىرىنىڭ چىشىغا تەككەنلىكىدىن بولغان ئىكەن.
ئۆتكەن 50 يىل مابەينىدە خىتاي بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەر خىل داۋالغۇشلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي، رۇسىيە بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋىتىنى شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتى ئارقىلىق تەڭشەپ مۇئەييەن دەرىجىدە كۈچەيتىۋالغان ئىدى. (جۈمە)