رۇسىيە بىلەن ياپونىيە يادرو ئېنېرگىيىسى ھەمكارلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكەزمەكتە
2007.02.28
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 28 - فېۋرال كۈنى توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ باش مىنىستىرى مىخائىل فرادىكوۋ بىلەن ياپونىيە باش مىنىسىتىرى شىنزو ئابې ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يادرو ئېنىېرگىيىسى ھەمكارلىقى ئورنىتىش ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كەڭ دائىرىلىك مۇناسىۋەت تورى بەرپا قىلىش ئۈچۈن سۆھبەت باشلىغان.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىترلىقىنىڭ ئاشكارىلاپ قويۇشىچە، ياپونىيىنىڭ سودا مىنىستىرى ئاكىرا ئامارى ئەپەندىمۇ مۇناسىۋەتلىك رۇسىيە دائىرىلىرى بىلەن ياپونىيىنىڭ رۇسىيىدىن ئۇران تاۋلايدىغان ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىش، ياپونىيىنىڭ ئىزىسۇ شىركىتى رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېبىرىيىدىن تىنچ ئوكيان ساھىللىرىغىچە قۇرۇلىدىغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدىن ياپونىيىنىڭ بىمالال پايدىلىنىشى قاتارلىق تۈرلەر ھەققىدە تەپسىلىي سۆھبەتلىشىشكە باشلىغان.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چېن گاڭ بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېينى بىلەن ۋە ياپونىيىدىكى ئەركىنلىك ۋە خەلقچىل پارتىيىسىنىڭ خىتاينىڭ "تىنچ باش كۆتۈرۈش" دېگەنلىرىنى بىر تەھدىت دەپ جاكارلىغانلىقىغا قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن رەددىيە بېرىپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- موسكۋادا ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىشى يۈز بەردى
- رۇسىيە مۇخبىرلار ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى
- شىنزو ئابې ياپونىيە باش مىنىستىرلىقىغا سايلاندى
- ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى
- پۇتىن يىللىق دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا نوپۇسنىڭ ئازىيىش ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى