رۇسىيە باش شتاب باشلىقى؛ رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىققا يادرو قورالى ئارقىلىق جاۋاب بېرىدۇ

شەنبە كۈنى رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى باش قوماندانلىق شتاب باشلىقى گېنېرال ئارمىيە يۇرىي بالۇئېسكىي "دۇنيا شۇنى چۈشىنىشى لازىمكى، رۇسىيە ئەگەر زور خەۋپكە دۇچ كەلسە، يادرو قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي كۈچلىرى بىلەن ئۆزىنى قوغدايدۇ، رۇسىيىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى يوق" دەپ بىلدۈردى. ئۇ، سۆزىدە رۇسىيىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەم زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قوراللىق كۈچلەرنى ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، گېنېرال ئارمىيە بالۇئېۋسكىي بۇ سۆزنى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش مەسىلىسى شۇنىڭدەك يەنە يېقىندىن بۇيان ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا رۇسىيە سابىق بىخەتەرلىك خادىمى لىتۋىنېنكونىڭ رۇسىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەمدە غەرب دۇنياسىنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىشى قاتارلىق بىر قاتار ئىختىلاپلارغا قارىتا ئېيتقانلىقى قىياس قىلىنماقتا . رۇسىيە ئالىي ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ بۇ خىل يادرو قورالى ئىشلىتىشتىن يانمايدىغانلىقىنى جاكارلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.(ئۈمىدۋار)