چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى: شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ئاپپاراتى
2005.10.24
مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يېقىندا بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ئاپپاراتى دەپ كۆرسەتتى.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، شىنخۇئا ئاگېنتلىقى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقاتىدا ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىشىدا ئاساسلىق رول ئوينايدىكەن.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى "شىنخۇا - دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ئاپپاراتى" دېگەن بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى يېزىشتا جەريانىدا، شىنخۇئا ئاگېنتلىقىدىكى بەزى مۇخبىرلار، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان مۇخبىرلار ۋە شۇنداقلا ئىلگىرى شىنخۇئا ئاگېنتلىقىدا ئىشلىگەن فرانسىيىلىك مۇخبىرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. ئۇلار شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ قانداق قىلىپ ھەقىقەتنى بۇرمىلايدىغانلىقى، خەۋەر بەرگەندە قانداق قىلىپ كىشىلەردە بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ياپونىيىگە بولغان دۈشمەنلىكنى قوزغىتىدىغانلىقى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ بولغان بىر قىسىم ھاكىمىيەتلەرنى قوللايدىغان خەۋەرلەرنى تاللاپ بېرىدىغانلىقىنى پاش قىلغان.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكىدە دۇنيا بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا 9 - ئورۇندا تۇرىدۇ
- دىسنىي شىركىتى خىتاينىڭ مەتبۇئات بەلگىلىمىلىرىدىن نارازى بولماقتا
- ئامېرىكا، بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەيىپلىدى
- بۇش: ھەر قانداق بىر ئۈمىدلىك جەمئىيەتتە دىن ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى بولۇشى كېرەك
- پرېزىدېنت بۇش خىتاينى دىنىي ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى