سادام ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان سوت 19 - ئۆكتەبىرگە بېكىتىلدى

باغدات دائىرىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئامېرىكا تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان سابىق ئىراق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىن ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان سوت 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنىگە بېكىتىلگەن. بۇ كۈن، ئىراقلىقلارنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن ئۈستىدىن ئېلىپ بارىدىغان ئومۇمىي سايلامدىن 4 كۈن كېيىن بولىدۇ.

ئىراق ھۆكۈمىتى باياناتچىسى يەكشەنبە كۈنى سوت ئېچىلىش كۈنىنى جاكارلىغان بولۇپ، سوتقا يەنە، سادام ھۈسەيىننىڭ 7 نەپەر يېقىن تۇققىنى قاتنىشىدىكەن. 68 ياشلىق سادام ھۈسەيىن يەنە نۇرغۇن تۈرلەردە ئەيىبلىنىدىغان بولۇپ، كېلەر ئايدىكى سوت پەقەت بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. كۈزەتكۈچىلەر سادام ھۈسەيىننىڭ ھەممىدىن، 23 يىل ئاۋالقى سۈننى مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان چوڭ قىرغىنچىلىق بىلەن كۈچلۈك ئەيىبلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇ قىرغىنچىلىقتا 140 نەچچە سۈننى مۇسۇلمانلىرى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، سادام ھۈسەيىننىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا. شۇنداقلا سادام ئۈستىدىن چىقىرىلغان بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە بولىدىكەن. (پەرىدە)