ئىراقنىڭ سابىق پرېزىدېنتى سادام ھۆسەيىننىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى سادۇن ناسوئاف ئەل جانابى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.
ئىراق دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئەل جانابى سادام ھۆسەيىن ۋە باشقا يەتتە سابىق ئەمەلدارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكادلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇ چارشەنبە كۈنى سادام ھۆسەيىن ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتقا قاتناشقان.
چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇ پەيشەنبە كۈنى كەچتە باغداتنىڭ شەرقىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن گۈرۈگە ئېلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ئىراق دائىرىلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى جۈمە كۈنى بىر مەسچىتنىڭ سىرتىدا بايقىغان بولۇپ، ئۇ باش ۋە كۆكرەك تەرەپتىن بىر قانچە پاي ئوق يىگەن ئىكەن.
ئىراق ھۆكۈمىتى سادام ھۆسەيىن ئۈستىدىن ئېچىلىۋاتقان سوتنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدىغان بۇ قاتىللىقنى ئەيىبلىدى. سادام ھۆسەيىن دىلوسىنى سوراۋاتقان قارىلىغۇچى ئادۋۇكاتلار ۋە سوتچىلارنىڭ كۆپ قىسمى مەخپىي تۇتۇلۇپ، قاتتىق قوغداش ئاستىغا ئېلىنغان. ئەمما ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتلارنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارا بولۇپ، سادام ھۆسەيىننىڭ باش ئادۋۇكاتى خالىل دۇلەيمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار توختىماي تەھدىتكە ئۇچرىماقتا.
ئىراق ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە سادام ھۆسەيىننىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتلىرىنىمۇ قوغداش تەدبىرلىرىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)