دۈشەنبە كۈنى باغداتتا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئارىسىدا، ئىراقنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ساددام ھۆسەيىننىڭ سوت مەھكىمىسى قايتىدىن باشلاندى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ساددام ھۆسەيىن سوتتا چەتئەل ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۆرتىنچى قەۋەتكە كىشەن بىلەن پىيادە ئېلىپ چىقىلغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.
ساددام ھۆسەيىن بىلەن بىرگە سوتلىنىۋاتقان ئىراقنىڭ سابىق رەھبەرلىرىمۇ تۈرمىدىكى گۇندىپايلارنىڭ مۇئامىلىسىدىن شكايەت قىلغان.
باش سوتچىسى رىزگار مۇھەممەت ئىمىن قىسقا بىر سۇئال جاۋابتىن كېيىن، ساددام ھۆسەيىن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە يېڭى ئادۋۇكات تىپىشى ئۈچۈن سوتنى -5 دىكابىر كۈنىگە كېچىكتۈردى. ساددام ھۆسەيىن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ئادۋۇكاتلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئادۋۇكاتلارنىڭ ئىككىسى ئۆلتۈرۈلدى ۋە بىرى بولسا ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىراقتىن قېچىپ كەتكەن.
ساددام ھۆسەيىن ۋە ياردەمچىلىرى -1982 يىلى ئىراقنىڭ دۇجەيىل شەھىرىدە ساددام ھۆسەيىنگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىر سۈيقەست ھەرىكىتىدىن كېيىن، 140 شىيە مۇسۇلماننى ئۆلتۈرگەن دەپ ئەيىبلەنمەكتە. ( قانات)