ئىراقنىڭ سابىق پرېزىدېنتى سادام ھۆسەيىن ئۈستىدىن دۈشەنبە كۈنى باغداتتا ئېچىلغان سوتتا، سادام ھۆسەيىن ئۆزىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشتىن قورقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭ ئالدىدا، سادام ھۆسەيىن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەيىبلەنگەنلەرنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتلىرى سوتنىڭ قانۇنلۇق ئورنىغا سوئال قويۇپ، سوت مەيدانىدىن ئايرىلغان. ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتلار بۇ ئارقىلىق باش سوتچىنىڭ چەتئەل ئادۋۇكاتلىرىنىڭ سوتتا سۆز قىلىشىغا يول قويمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتلار ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ سابىق ئەدىلىيە مىنىستىرى رامسەي كىلارك بولۇپ، باش سوتچى ئاۋۋال ئۇ ۋە يەنە بىر چەتئەللىك ئادۋۇكاتنىڭ سوتتا سۆز قىلىشىغا يول قويمىغان. ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتلار يەنە ئاقلىغۇچى تەرەپنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. سادام ھۆسەيىن سوتتا ئورنىدىن تۇرۇپ، " ئىراق ياشىسۇن، ئەرەپ دۆلىتى ياشىسۇن" دەپ توۋلىغان. سوتچى ئارقىدىن سوتنى قىسقا مەزگىل توختاتقان.
باش سوتچىنىڭ ئۆز قارارىنى قايتۇرىۋېلىشى بىلەن سادام ھۆسەيىن ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت داۋام قىلدى. تۈنجى گۇۋاھچى سوتتا 1982 - يىلى شىيە مۇسۇلمانلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۇجەيلى يېزىسىدىكى 140 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قىيناپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلىي جەريانىنى تەسۋىرلىدى. سادام ھۆسەيىن ۋە باشقا يەتتە نەپەر ئىراقنىڭ سابىق ئەمەلدارلىرى دۈجەيلى يېزىسىدىكىلەرنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى چىقارغان دەپ ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئەمما ئۇلار بۇ ئەيىبنى رەت قىلماقتا. (ئارزۇ)