چارشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ سابىق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىننى سوتلاش باغداتتا يەنە داۋام قىلدى. سادام ھۈسەيىن ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى 7 كىشى ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت ئىراق پارلامېنت سايلىمى سەۋەبىدىن 2 ھەپتە كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چارشەنبە كۈنىدىكى سوتقا قاتناشقان سادام ھۈسەيىن باش سوتچىغا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇنى تەن جازاسى بىلەن قىينىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ سوتتا، " مېنىڭ بەدىمنىڭ ھەممە يېرى تاياق زەربىسىگە ئۇچرىدى. مېنىڭ پۈتۈن بەدىنىمدە تاياق يىگەن ئىزلار بار" دېدى. ئەمما ئامېرىكىنىڭ باغداتتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى بۇنى ئىنكار قىلىپ، ئامېرىكا CNN تېلېۋىزىيىسىگە "بۇ پۈتۈنلەي يالغان گەپ" دەپ بىلدۈردى. شۇنداقلا سادام ھۈسەيىننى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل خادىملارمۇ بۇنىڭ بىر سەپسەتە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
سوتتا يەنە ئىككى نەپەر شاھىد، 80- يىللاردىكى شىئە مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان چوڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئىسپاتلىقتىن ئۆتتى. سادام ھۈسەيىن بۇ ئىككىسىنىڭ ئىسپاتلىق سۆزلىرىنى باشتىن-ئاخىرغىچە تىنچ ئولتۇرۇپ ئاڭلىغان. سادام ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى 7 كىشى 1982-يىلىدىكى چوڭ قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇ چاغدا ئاز دېگەندە 140 شىئە مۇسۇلمانلىرى قىيىن-قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. (پەرىدە)