ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، سابىق ئىراق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىننى سوت قىلغان باش سوتچى ئەمىن ئۆزىنىڭ ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئەمىننىڭ ئىستىپا بېرىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ سادام ھۈسەيننى سوتلاش جەريانىدا سوتنىڭ ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سوتلانغۇچى ھەم باشقا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆز قىلىشىغا مۇمكىنچىلىك يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن جەمىيەتتە يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان مەزكۇر سوتقا قارشى ئىنكاسلاردىن ئۈمىدسىزلەنگەن ئىكەن.
بىراق، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، ئەمىننىڭ ئىستىپاسىدىكى سەۋەب ئىراق ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سادام ھۈسەيىننىڭ سوتلىنىش جەريانىدا ئۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە كەڭچىللىك قىلىندى دەپ قارىغانلىقىدىن ئىكەن.
لېكىن، خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئېمىننىڭ ئىستىپاسى تېخى ئىراق باش مىنىستىرى تەرىپىدىن تەستىقلانمىغان بولۇپ، ھەم باشقا سوت خادىملىرى ئۇنىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.(ئۈمىدۋار)
