ئىراقنىڭ سابىق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىن چارشەنبە كۈنى سوتتا تۇنجى قېتىم ئىسپاتلىقتىن ئۆتۈپ، ئىراق خەلقىنى دىنىي مەزھەپ ئۇرۇشىنى ئېلىش بېرىشنىڭ ئورنىغا بىرلىشىپ ئامېرىكا ئارمىيىسىگە قارشى كۆرەش قىلىشقا چاقىردى. باش سوتچى سادام ھۈسەيىن سىياسىي بايانات ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن سوتنى توختىتىشقا بۇيرۇق قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە باش سوتچى تەكرار ھالدا سادامنى سۆزلىمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن سادام ھۈسەيىن تەييارلىۋالغان تېكىستىنى توختىماي ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ يەنىلا ئىراق پرېزىدېنتى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇردى.
سادام سوتتا " بارلىق خەلق بىرلىشىپ، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۆرەش قىلىشى كېرەك" دەپ توۋلىدى. باش سوتچى رائۇف ئابدىلراخمان ئاخىرى سوتنىڭ داۋامىنى مەخپىي ئېچىشنى قارار قىلىپ، سوتتىكى مۇخبىرلارنى ۋە سىن ئالغۇچىلارنى سوتتىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرىدى.
سادام ھۈسەيىن ئۆزى بىلەن بىرگە سوتقا تارتىلغان 8 كىشى ئارىسىدىكى ئىسپات بېرىشكە تارتىلغان ئەڭ ئاخىرقى بىرى بولۇپ، گەرچە ئۇ ئۆكتەبىردىن باشلانغان سوت جەريانىدا سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ نۆۋەت باش سوتچى ۋە قارىلىغۇچىلارنىڭ شىئە مۇسۇلمانلىرىنى قىرغىن قىلىش توغرىسىدا تۇنجى قېتىم سادامدىن بىۋاستە سۇئال سورىشى ھېسابلىنىدىكەن. (پەرىدە)