ساددام ھۈسەيىن ئىرقىي تازىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشكە دۇچ كەلدى

ئىراقنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ساددام ھۈسەيىن ئىراق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 1980 - يىللاردا كۈردلەرگە قارشى ئىرقىي تازىلاش ئېلىپ بېرىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى. ساددام ھۈسەيىن ۋە ئۇنىڭ سابىق ئىراق ھۆكۈمىتىدىكى 6 ئەمەلدارى، كۈردلەرگە قارشى ئانفال ھەرىكىتى، دەپ ئاتالغان باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش ۋە ھەلەپچىدە كۈرد پۇقرالىرىغا زەھەرلىك گاز ئىشلىتىش قاتارلىق يېڭى جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئانفال ھەرىكىتى جەريانىدا 180 مىڭ كىشى ئۆلگەن. ساددام ھۈسەيىن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ 1982 - يىلى ساددام ھۈسەيىنگە سۈيقەست قىلىش ۋەقەسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن دۇجائىل يېزىسىدا 148 كىشىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن جاۋاپكارلىققا تارتىلغان.

ب ب س نىڭ تەكىتلىشىچە، ئانفال ھەرىكىتى ساددام ھۈسەيىن ھۆكۈمىتىنىڭ كۈردلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ئەڭ چوڭ جىنايەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. سوت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى رائىد جۇھى، "نەچچە مىڭلىغان ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئانفال ھەرىكىتى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە ئەيىبنامىنىڭ سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلغانلىقىنى" بىلدۈردى.

ساددام ھۈسەيىن بىلەن بىرگە ئەيىبلەنگەنلەر ئىچىدە ئۇنىڭ خىمىيىلىك ئەلى، دەپ ئاتالغان نەۋرە قېرىندىشى ئالى ھەسەن ئەل - مەجىد بار. ئۇ، 1988 - يىلى ھەلەپچە رايونىدىكى كۈردلەرلەر زەھەرلىك گاز ئىشلىتىش ۋە 5000 كۈرد پۇقراسىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى ساددام ھۈسەيىننىڭ كۈرد ۋە شىئەلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىراقنىڭ ئىچكى ئىشى، دەپ جاكارلىغان. (ئەركىن)