ئىراقنىڭ سابىق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىن ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت چارشەنبە كۈنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. شۇنداقلا سوتتا سادام ھۈسەيىننىڭ 1980- يىللىرىدىكى شىئە مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشقا دائىر ھۆججەتكە ئىمزا قويغانلىقى ئىسپاتلاندى.
سادام ھۈسەيىن چارشەنبە كۈنى سوتقا كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان ئەھۋالدا ئېلىپ كېلىنگەن. باش سوتچى سوتتا، شىئە مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشقا دائىر بۇ ھۆججەتتىكى قول ئىمزاسىنىڭ ھەقىقەتەن سادام ھۈسەيىننىڭ ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلدى. دۈشەنبە كۈنىدىكى سوتتا بىر نەپەر قول ئىمزا مۇتەخەسسىسى ئىسپاتلىقتىن ئۆتۈپ، سادام ھۈسەيىننىڭ قول يازمىسى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىگە ئاساسەن بۇ ھۆججەتتىكى ئىمزانىڭ سادامنىڭ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
بۇ ھۆججەتتە يەنە، 1982- يىلى دۇجايىل كەنتىدىكى شىئە مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرغان ئاخبارات خادىملىرىنى مۇكاپاتلاشقىمۇ رۇخسەت قىلىنغان. ئەمما سادام ھۈسەيىننىڭ ئاقلىغۇچىسى ئىزچىل تۈردە بۇ ھۆججەتلەردىكى ئىمزانىڭ سادام ھۈسەيىننىڭ ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.
بۇ كۈندىكى سوتقا سادام بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭ 7 نەپەر شىرىكىمۇ قاتناشقان. ئۇلارمۇ سادامغا ئوخشاشلا 148 نەپەر شىئە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن. (پەرىدە)