سادام ھۈسەيىن ئادۋوكاتلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئېيتىشىچە، سادام ئاشلىق ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئادۋوكاتلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان خامىس ئوبەيدىنىڭ ئۆلۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
رويېترىس ئاگېنتلىىقنىڭ 22 - ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئادۋوكات خامىس ئوبەيدىنىڭ جەسىتى، 21 - ئىيۇن كۈنى، ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتىن تېپىلغان. خەۋەردە يەنە ئېيتىلىشىچە، بۇ ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن ئۇنى، نامەلۇم كىشىلەر ئۆيىدىن ئېلىپ كەتكەن.
بۇ ئارىدا ، سادام ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان دۇلەيمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سادام ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان 7 نەپەر جاۋابكارمۇ ، ئادۋوكاتلىرى خەلقئارانىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەنگە قەدەر ،ئۆزلىرىنىڭمۇ ئاشلىق ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سادام ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك 7 كىشى، ئادالەتكە قارشى جىنايەتچى دېگەن گۇناھ بىلەن باغداتتا سوتقا تارتىلماقتا ، بىراق ئۇلار 148 نەپەر شىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. 1982 - يىلى سادامنى ئۆلتۈرۈش سۈيقەستى ئىشقا ئاشمىغاندىن كېيىن، يۈزلىگەن كىشى مەزكۈر سۈيقەستكە مۇناسىۋەتلىك دەپ، سادام تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
ئىراق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ھازىرغا قەدەر سادامنىڭ 3 نەپەر ئادۋوكاتىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
سادامغا مۇناسىۋەتلىك دىلو ئۈستىدىن 7- ئاينىڭ 10 - كۈنى قايتا سوت ئېچىلىدۇ، مەزكۈر سوتتا سوتچى ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ. (ئەقىدە)