سادام ھۈسەيىن ئاشلىق ئېلان قىلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى

ئىراق سابىق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىن يەكشەنبە كۈنى يەنە ئاشلىق ئېلان قىلىپ 17‏- كۈنىگە كەلگەندە تەن-سالامەتلىكىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى سەۋەبلىك دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سوت جەريانلىرى ۋە ئادۋوكاتىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە نارازى بولۇپ ئاشلىق ئېلان قىلغان سادام ھۈسەيىن ھازىر دوختۇرخانىدا ئاسما ئۇكۇل بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلماقتا ئىكەن. بىرلەشمە ئارمىيە پولكوۋنىكى كېيىر كەۋىن، سادام ھۈسەيىننىڭ 7‏-ئىيولدىن باشلاپ ھەر قانداق تاماقنى يىيىشنى رەت قىلغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ سالامەتلىكى بەك ئاجىزلاپ كەتكەچكە، دوختۇرخانىدا داۋالىنىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

سادام ھۈسەيىننىڭ ئادۋوكاتى خامىس ئەل-ئوبەيدى 21‏- ئىيون كۈنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، سادام ئىراق دائىرىلىرىنى، ئۆزىنىڭ ئادۋوكاتلىرىنى قوغداش چارىلىرىنى ياخشى قوللانمىدى دەپ ئەيىبلىدى. سادام ھۈسەيىن سوتى باشلىنىپ ھازىرغىچە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ سادامنىڭ 3 ئادۋوكاتى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. سادامنىڭ ئاقلىغۇچىلىرى بۇ ئادۋوكاتلارنىڭ شىئە مۇسۇلمانلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

66 ياشقا كىرگەن سادام ھۈسەيىننىڭ ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان دۈشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنىدىكى سوت كەينىگە سۈرۈلدى. ئىراق سوت ئەمەلدارلىرى، سادام ئۈستىدىن چىقىرىلىدىغان ھۆكۈمنىڭ بۇ يىل 8‏-ئايلارغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدى. ئەگەر سادام ۋە ئۇنىڭ 3 ئەگەشكۈچىسى گۇناھكار دەپ جاكارلانسا، ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. (پەرىدە)