سادام ھۈسەيىن ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئۆلۈم جازاسى كۈچكە ئىگە قىلىندى

سابىق ئىراق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىن ئالدىنقى ئايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 150 كە يېقىن شىئە مۇسۇلمانلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتى ئارتىلغان ئىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئىراق سوتى ئۈچ ھەپتىلىك مۇزاكىرىدىن كېيىن سادام ھۈسەيىن ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلدى. ئىراق قانۇنىغا ئاساسەن سادام ھۈسەيىنگە چىقىرىلغان ئۆلۈم جازاسى 30 كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىنىشى لازىم ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆلۈم جازاسىنىڭ ۋاقتى ھەم ئورنى ئاشكارە ئېلان قىلىنمايدىكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، سادام ھۈسەيىنگە چىقىرىلغان ئۆلۈم جازاسى كۈچكە ئىگە قىلىنغاندىن كېيىن، سەيشەنبە كۈنى باغدادنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 15 ئادەم ئۆلگەن، 60 نەچچە ئادەم يارىلانغان. ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئارمىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى يەنە باغدادنىڭ غەربىي جەنۇبىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئۈچ ئەسكەر ئۆلگەن، بىر يارىلانغان، دۈشەنبە كۈنى بولسا ئۈچ ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلگەن ئىدى. ھازىر ئىراقتا ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى بارغانسىرى ئېشىپ بارماقتا. (ئۈمىدۋار)