ساددام ھۈسەيىن كەلگۈسى 24 سائەت ئىچىدە دارغا ئېسىلىشى مۇمكىن
2006.12.29
ئىراقنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ساددام ھۈسەيىننىڭ مۇشۇ بىر قانچە سائەت ئىچىدە دارغا ئېسىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراقتىكى ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر ساددامنىڭ جۈمە كۈنى كەچتە دارغا ئېسىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بەزى كۈزەتكۈچىلەر، ئۆلۈم جازاسىنىڭ قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ھەپتە كېچىكتۈرۈلۈش ئېھتىمالى يوق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ساددام ھۈسەيىننىڭ ئادۋوكاتى، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ساددام ھۈسەيىنگە تەۋە بۇيۇملارنى ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ساددامنى قاچان ئىراق دائىرىلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.
ئامېرىكا ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا ئىراقلىقلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ساددام ھۈسەيىننى ھازىرغا قەدەر باغدات ئايرودرۇمىدىكى بىر جايدا تۇتۇپ تۇرماقتا.
ئىراق باش مىنىستىرى ئەل مالىكى، ساددامنىڭ ئۆلۈم جازاسى ھەرگىز كېچىكتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ساددام ھۈسەييىننىڭ دارغا ئېسىلىشىغا قارشى تۇرۇش، ساددامنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا قىلىنغان ھاقارەت، دەيدۇ.
نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى، ساددامنىڭ ئەڭ بالدۇر بولغاندا شەنبە كۈنى ئەتىگەندە دارغا ئېسىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى بولسا ساددامنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە باھا بېرىشنى رەت قىلدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سادام ھۈسەيىن ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئۆلۈم جازاسى كۈچكە ئىگە قىلىندى
- سادامنىڭ ئۆلۈم ھۆكۈمىگە بولغان ئىنكاسلار
- دۇجائىل ۋەقەسىدە ھايات قالغان شاھىت سادامغا قارشى سوتقا چىقتى
- سادام ھۈسەيىن ئاشلىق ئېلان قىلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى
- سادام ھۈسەيىن ئاشلىق ئېلان قىلىپ ئادۋوكاتىنىڭ ئۆلۈمىگە نارازىلىق بىلدۈردى
- سادام ھۈسەيىننىڭ شىئە مۇسۇلمانلىرىنى ئۆلتۈرۈش ھۆججىتىگە قول قويغانلىقى ئېنىقلاندى