سادامنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار
2006.12.31
30-دېكابىر كۈنى سابىق ئىراق رەھبىرى سادام ھۈسەيىن دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمىيەتتە تۈرلۈك ئىنكاسلار پەيدا بولدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش "سادامنىڭ ئۆلۈشى ئىراق خەلقىنىڭ قىيىنچىلىق يىللىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ" دېگەن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ بۇنىڭ بىلەن ئىراقتىكى زوراۋانلىقلارنىڭ ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بولسا، سادام ئۆزى ۋە خەلقى ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلىدى دەپ باھا بەرگەن.
رۇسىيە بىلەن ھىندىستان سادامنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىراقتا تېخىمۇ بەكرەك قالايمىقانچىلىق ۋە زوراۋانلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيە يەنە يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىنى دارىتمىلاپ ئەيىبلىگەن. كۇۋەيت ھۆكۈمىتى "ئىراق خەلقىنىڭ غەلىبىسى" دەپ تەرىپلىگەن بولسا، لىۋىيە ئۈچ كۈنلۈك ماتەم تۇتۇش ئېلان قىلغان. خاماس رەھبەرلىكىدىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردە نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن. خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتىمۇ سادامنىڭ دارغا ئېسىلىشىنى تەنقىد قىلغان. (ئۈمىدۋار)