دۇجائىل ۋەقەسىدە ھايات قالغان شاھىت سادامغا قارشى سوتقا چىقتى

ئىراق سابىق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىننىڭ 1987‏- يىلىدىكى كۇردلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىدە ھايات قالغان شاھىت چارشەنبە كۈنى سوتقا چىقىپ، بۇ ۋەقەنىڭ چىنلىقى ھەققىدە ئىسپاتلىقتىن ئۆتتى.

سوتتا ئادىبا ئولا بايېز ئىسىملىك بۇ ئايال سادام ھۈسەيىننىڭ 1987‏- يىلى 16‏- ئاۋغۇست كۈنى بالىسان كەنتىنى زەھەرلىك خىمىيىۋىي قوراللار بىلەن بومباردىمان قىلغانلىقىنى ھەتتا بۇنىڭدىن قېچىپ ماڭغان كىشىلەرنىمۇ تاغدا قورشاپ بومبىلىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇنىڭ ئىسپات بېرىشىچە، شۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئىنىسى ھەمدە ئىنىسىنىڭ ئايالى ۋە بالا- چاقىلىرى خىمىىيىلىك بومبىدا زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. ئادىبانىڭ يولدىشىمۇ سەيشەنبە كۈنى سوتتا ئىسپاتلىقتىن ئۆتۈپ، بالىساندىكى زىيانكەشلىكلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

سادام ھۈسەيىن ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرىدىن 7 كىشى نۆۋەتتە 1987‏- يىلىدىكى كۇردلارنى قىرىش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان ئانفال ھەرىكىتى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بولۇپ، سادام ۋە ئۇنىڭ شىرىكلىرى ئۈستىدىن چىقىرىلىدىغان تۇنجى ھۆكۈم 16‏- ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنماقچى. ئەگەر ئۇلار گۇناھكار دەپ جاكارلانسا، ئۇ ھالدا ئۇلارغا دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بېرىلىدۇ.

1987‏- يىلىدىن 1988 يىلىغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئانفال ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمى 80‏- يىللاردىكى دۇجائىل قىرغىنچىلىقىدىنمۇ چوڭ بولۇپ، ئانفال ھەرىكىتىدە ئىراقنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بولۇپ، 50 مىڭدىن 180 مىڭغىچە كۇرد پۇقراسى قىرغىن قىلىنغان ئىدى. (پەرىدە)