ئىراقنىڭ سابىق پرېزىدېنتى سادام ھۆسەيىن سوتقا تارتىلدى

ئىراق ئالاھىدە سوت مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى دۇجائىل يېزىسىدىكى قانلىق ۋەقەسى بويىچە، ئىراقنىڭ سابىق پرېزىدېنتى سادام ھۆسەيىننى سوتلاشقا باشلىدى.

باش سوتچى، سادام ۋە باشقا يەتتە نەپەر سابىق ئىراق ئەمەلدارلىرىنى 1982 - يىلى يۈز بەرگەن دۇجەيلى يېزىسىدىكى 140 دىن ئارتۇق شىيى مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلۈش دىلوسىدا قاتىللىق ۋە قىيىن - قىستاققا ئېلىش قاتارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلدى دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئەگەر ئۇلارنىڭ جىنايىتى تۇرغۇزۇلسا، ئۇلار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سادام ھۆسەيىن سوتنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى رەت قىلىپ، ئارقىدىن دۇجەيلى يېزىسىدىكى پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىنكار قىلغان. ئۇ ھەتتا باش سوتچىنىڭ ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەن.

ئۇ سوتچىلار بىلەن سۆز- ئىبارىدە قاتتىق دەۋالاشقاندىن سىرت، يەنە سوت ئارىسىدىكى دەم ئېلىشتا ئىككى نەپەر سوت مۇھاپىزەتچىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوت مەھكىمىسى تۈنجى كۈنلۈك بۇ سوتتا ھېچقانداق ھۆكۈم چىقارمىغان بولۇپ، كىلەر نۆۋەتتىكى سوتى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى داۋام قىلىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا،1982 - يىلى، سادام ھۆسەيىن باغداتنىڭ 90 كىلومېتىر شىمالىغا جايلاشقان شىيىلەر توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان دۇجەيلى يېزىسىنى كۆزدىن كەچۈرگىلى بارغىنىدا، سۈيقەستكە ئۇچرىغان ئىدى. ئارقىدىن سادام دۇجەيلى كەنتىدىكىلەردىن ئۆچ ئېلىشقا بۇيرۇپ، 143 كىشىنىڭ ئۆلۈشى، نۇرغۇنلارنىڭ تۇتۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (ئارزۇ)