خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى سادام ھۈسەيىننىڭ چوڭ قىزى راغەتنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى


2007.08.17

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئىراقنىڭ سابىق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىننىڭ چوڭ قىزى راغەتنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئۇنى تېررورىزمغا چېتىلغان، دەپ ئەيىبلىدى. بۇ يىل 40 ياشلارغا كىرىپ قالغان راغەت، سادام ھۈسەيىننىڭ تۇنجى ئايالى ساجىدەدىن تۇغۇلغان تۇنجى پەرزەنتىدۇر.

ئۇ، ئامېرىكا ئارمىيىسى باغدادنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئىئوردانىيىدە قېچىپ بېرىپ شۇ جايدا پاناھلانغان. 2006 - يىلى ئىراق ھۆكۈمىتى راغەت ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ساجىدە ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئۇلارنى ئىراقتىكى ئىسيانچى كۈچلەرنى قوللىماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن. ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى جۈمە كۈنى ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرگە راغەتنى تۇتۇش توغرىسىدا رەسمى ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

راغەت، سادام ھۈسەيىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل ئادۋوكاتلارنى تەشكىللەپ دادىسىنى ئاقلىماقچى بولدى. لېكىن سادام ھۈسەيىن ئۆتكەن يىلى 12 ئايدا دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن، ئۇ سادام ھۈسەيىننىڭ مېيىتىنى تاكى ئامېرىكىلىقلار ئىراقتىن قوغلاپ چىقىرىلغانغا قەدەر ۋاقتىنچە يەمەنگە كۆمۈشنى تەلەپ قىلغان. ئىئوردانىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، راغەت، ئىئوردانىيىدە مۇساپىر سۈپىتىدە تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار راغەتنىڭ يېقىندىن بېرىقى ئىز دېرىكىنى بىلمەيدىكەن. سادام ھۈسەيىننىڭ تۇنجى ئايالى ساجىدەدىن راغەت، رەنا، خالان، ئوداي ۋە كۇساي، دەيدىغان 5 پەرزەنتى بار ئىدى. پەرزەنتلىرىدىن ئۇداي بىلەن كۇساي، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراققا كىرگەندىن كېيىن، مۇسۇل ئەتراپىدىكى بىر توقۇنۇشتا ئامېرىكا قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.