سادام ھۈسەيىننىڭ ئۆلۈمىنىڭ بىر يىللىقى


2007.12.30

يەكشەنبە كۈنى سابىق ئىراق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىننىڭ دارغا ئېسىپ، ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىدۇر. ئىراق ۋە دۇنيا تارىخىدىكى مۇھىم بۇ كۈندە ئىراقتا قالايمىقانچىلىق ۋەقەلىرىنىڭ سادىر بولۇشىدىن ئەنسىرىگەن ئىراق ھۆكۈمىتى تۈرلۈك خەۋپسىزلىك چارىلىرىنى قوللاندى. بۇ كۈنى، سادام ھۈسەيىننىڭ يېقىنلىرى ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغان زور ساندىكى كىشىلەر سادام ھۈسەيىننىڭ، تۇغۇلغان يۇرتى تىكرىتنىڭ ئۇجا يېزىسىغا قويۇلغان، قەبرىسىنى تاۋاپ قىلغان.

تىكرىت شەھىرى ۋە بۇ يېزىدىمۇ مەلۇم ساندا ساقچىلار ھەم قاراۋۇللار ئىشقا سېلىنىپ، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار قالايمىقانچىلىقلاردىن مۇداپىئە كۆرۈلگەن. شۇ كۈنى ئىئوردانىيىدە سادام ھۈسەيىننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى يىغىلىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزگەن.

سادام ھۈسەيىن ھاكىمىيىتى 2003- يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇملىرى بىلەن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي سادام قولغا چۈشكەن ۋە بىر قانچە مەزگىل تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن يېڭى ئىراق ھۆكۈمىتى ئالىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان. بىراق، سادام ئۆزىگە ئارتىلغان جىنايەتلەرنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمىغان. ئاخىرى 12- ئاينىڭ 30- كۈنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

سادامدىن كېيىن باس پارتىيىسىنىڭ بىر قانچە نەپەر ئالىي باشلىقلىرىغىمۇ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. لېكىن، ئىراقتا ھۆكۈمەت تەشكىللەنگەندىن بۇيان شىئەلەر بىلەن سۈننىيلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، كۆپ قېتىم توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن ئىدى. سادامنىڭ قوللىغۇچىلىرى سۈننىيلەرنى ئاساس قىلغان ئىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.