پېرۇ خىتايدا ياسالغان 60 توننا ئويۇنچۇقتا زەھەرلىك ماددا بايقىغان
2007.08.11
پېرۇ ساقچىلىرى يېقىندا، قانۇنسىز يول بىلەن چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن بالىلار ئويۇنچىغىدا خىمىيىلىك زەھەرلىك ماددا بايقىغان .
پېرۇ سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئويۇنچۇقلاردا ئوخشىمىغان خىمىيىلىك زەھەرلىك ماددىلار بايقالغان بولۇپ، 60 توننىدىن ئارتۇق بۇ ئويۇنچۇقلارنىڭ ھەممىسى خىتايدا ياسالغان ئىكەن.
پېرۇ ساقچىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئويۇنچۇقلار خىتايدىن مالايشىيا ۋە تەيۋەنلەر ئارقىلىق پېرۇغا ئېلىپ كېلىنگەن. ئويۇنچۇقلارغا ساختا بەلگۈلەر يەنى خىتايدىن باشقا دۆلەتلەردە ئىشلەنگەن ماركىلار چاپلانغان.
ستاتىسكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئويۇنچۇقلىرى 2000 - يىلى پېرۇ بازىرىنىڭ % 5 . 56 نى ئىگىلىگەن بولۇپ، نۆۋەتتە % 1 . 78 كە يەتكەن.
بۇ ئارىدا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆزلىرىنى ئاقلاپ، خىتايدا ياسالغان ئويۇنچۇقلارنىڭ ئېكىسپورت قىممىتىنىڭ 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغانلىقىنى، 160 دۆلەتكە ئېكىسپورت قىلىنغان ئويۇنچۇقلارنىڭ ناھايىتى ئاز قىسمىدا سۈپەت مەسىلىسى كۆرىلىدىغانلقىنى بىلدۈردى.
مۈتەخەسىسىسلەر، خىتاي ياسالغان ئويۇنچۇقلاردا بايقالغان زەھەرلىك ماددىلار، يالغۇز خىتاينىڭ سودىدىكى ئابرويىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن ، بەلكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بۇش ھۆكۈمىتى دۆلەت مەجلىسىنىڭ خەلق پۇلى مەسىلىسىدە خىتاينى چەكلەش قانۇنى چىقىرىشىنى قوللىمىدى
- كورىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق بىر نەپەر دىپلوماتى تاماقتىن زەھەرلىنىپ ئۆلدى
- خىتاي- فرانسىيە يادرو كېلىشىمى كېچىكتۈرۈلدى
- ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىرلىشىپ دۆلەت ھالقىغان يۇمشاق دېتال ئۆزەكلىرى ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بەردى
- ئالاتاۋدا ئۆلچەمگە يەتمىگەن خىتاي چىش پاستىلىرى ئېكىسپورت قىلىشتىن چەكلەندى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ پۇل سىياسىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- خىتايدىكى ساختا ماركىلىق مال ئامېرىكا -خىتاي سودا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە
- خىتاي، ھىندونېزىيىگە ۋاقتى ئۆتكەن يىمەكلىكلەرنى ياردەم ھېسابىدا بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى