خەلقئارا ساقچى ئورگىنى خىتايدىكى ساختا دورا دېلوسىنى پاش قىلدى

خەلقئارا ساقچى ئورگىنى خىتايدا ئىشلەنگەن 'گۇيلىن دورىلىرى' ماركىلىق بەزگەكنى داۋالاش دورىسىنىڭ ساختا دورا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. خەلقئارا ساقچى بۇ دېلونى خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئوكىسفورت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملارنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا پاش قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ خىل ساختا دورىدىن 25 مىڭ بولاق مەھسۇلات ئاللىقاچان سېتىلىپ بولغان ئىكەن. ئەگەر بۇ دورا راس بولسا، بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 25 مىڭ بىمار ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالالىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما خىتاي ساقچىلىرى ھازىر بۇ خىل ساختا دورىنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى رايونلارغا ۋە بېرما، لائوس، كامبودژا، ۋېيتنام قاتارلىق جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە، ھەتتا ئافرىقىغا سېتىلىش يوللىرىنى قامال قىلغان.

ئەنگلىيىدىكى ئوكىسفورت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى پاۋل نيۇتوننىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر بۇ خىل ساختا دورا خەلقئاراغا تارقالسا، ئۇ خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. (ۋەلى)