خىتايدا ئىشلەنگەن ئويۇنچۇقلارنى بازاردىن قايتۇرۇش ھەققىدە ئۈچىنچى قېتىم ئېلان چىقتى
ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋمۇ مۇھىم كونكرېت مەسىلىلەردە سۆزلىشىش ئالدىدا تۇرغاندا، ئامېرىكىنىڭ ماتتېل ئويۇنچۇق شىركىتى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈچىنچى قېتىم بازاردىن قايتۇرۇلىدىغان ئويۇنچۇق تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇ قېتىم بازاردىن قايتۇرۇلىدىغان ئويۇنچۇق جەمئى 11 خىل بولۇپ، ئامېرىكا بازىرىغا سېلىنغان 530 مىڭ دانە، خەلقئارا بازارلىرىغا سېلىنغان 320 مىڭ دانىنى قوشقاندا جەمئى 850 مىڭ دانە. بۇنىڭ ھەممىسى ئىشلەتكەن ماتېرىياللارنىڭ تەركىبىدە قوغۇشۇن مىقدارى يۇقىرى بولغان ئويۇنچۇقلار.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ماتتېل ئويۇنچۇق شىركىتى ئىككى قېتىم ئويۇنچۇق يىغىۋېلىش ئېلانى چىقارغان ئىدى. 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئىككىنچى قېتىم ئېلان چىقارغاندا، بازاردىن قايتۇرۇلىدىغان ئويۇنچۇق سانى 21 مىليونغا يەتكەن ئىدى. بۇنىڭ %80 خىتاي شىركەتلىرىدە ئىشلەنگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى ۋاڭ شىن بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ 'بىز بۇ توۋارلارنىڭ قايسىبىرى جۇڭگودا ئىشلەنگەنلىكىنى تەپسىلىي تەكشۈرىۋاتىمىز' دېگەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋرۇپا بىرلىكى خىتاينى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا ماتتېل شىركىتى پۈتۈن دۇنيادىن20 مىليون تال خىتايدا ياسالغان ئويۇنچۇقلارنى يىغىۋالدى
- پېرۇ خىتايدا ياسالغان 60 توننا ئويۇنچۇقتا زەھەرلىك ماددا بايقىغان
- ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىرلىشىپ دۆلەت ھالقىغان يۇمشاق دېتال ئۆزەكلىرى ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بەردى
- ئالاتاۋدا ئۆلچەمگە يەتمىگەن خىتاي چىش پاستىلىرى ئېكىسپورت قىلىشتىن چەكلەندى
- خىتايدىكى ساختا ماركىلىق مال ئامېرىكا -خىتاي سودا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە
- خىتايدىكى بالىلارنىڭ بوتۇلكىلىرى، كىيىم-كېچەك ۋە ئويۇنچۇقلىرىنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكى بايقالدى
- نىگېرىيىدە ئېچىلغان خىتاي دۇكانلىرىدىن 190 ى تاقىۋېتىلدى
- خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاياق كىيىملەردە زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددىلارنىڭ بولۇشى مۇمكىن