ئامېرىكا، خىتايدا ياسالغان بىر مىليوندىن ئارتۇق بوۋاقلار كارىۋىتىنى يىغىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2007-09-22
Share

ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جۈمە كۈنى، تۈزۈلمىسىدە بايقالغان خاتالىق تۈپەيلىدىن، خىتايدا ياسالغان بىر مىليون بوۋاقلار كارىۋىتىنى يېغىۋېلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

ئامېرىكا مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈزۈتىش كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ياسالغان بوۋاقلار كارىۋىتىنىڭ تۈزۈلمىسىدىكى خاتالىق، ھازىرغا قەدەر بىرى 9 ئايلىق يەنە بىرى 6 ئايلىق ئىككى بوۋاقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ھەمدە 60 غا يېقىن، بوۋاقلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن خەتەرلىك ۋەقە يۈز بەرگەن.

كومىتېت، خىتايدا ياسالغان بوۋاقلار كارىۋىتىنىڭ 1988 ‏- يىلىدىن 2007‏- يىلى ماي ئېيىغىچە، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىدىكى ماگىزىنلاردا سېتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پۈتۈن خېرىدارلاردىن ئۆيلىرىدىكى بوۋاقلار كارىۋىتىنىڭ يېغىۋىلىنىشى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان بوۋاقلار كارىۋىتى تىپىدىكى كارىۋات بولۇپ- بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

مۇلاھىزىچىلەر، ئامېرىكا مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈزۈتىش كومىتېتى تەرىپىدىن، خىتايدا ياسالغان بىر مىليون بوۋاقلار كارىۋىتىنى يېغىۋېلىش توغرىسىدا چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇش، يېقىنقى ئايلاردا خىتايدا ياسالغان بالىلار ئويۇنچۇقى قاتارلىق بەزى مەھسۇلاتلارنى يېغىۋېلىش ھەققىدە چىقىرىلغان ئوقتۇرۇشلار سەۋەبىدىن ئامېرىكىدا خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارشى قوزغالغان گۇماننى تېخىمۇ كۆپەيتىۋىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئۆمەر قانات)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت