فرانسىيە خىتاي ساياھەتچىلىرى قوللانمىسىدا سىياسىي تۈس ئالغان مەسىلىلەرنى تەكىتلىمەسلىكنى تەلەپ قىلدى
2007.01.04
فرانسىيە ھۆكۈمىتى ساياھەتچىلىك ئورگىنى تەرىپىدىن چىقىرىلغان "خىتاي ساياھەتچىلىرى ۋە سودىگەرلىرى قوللانمىسى" دا تىبەت ، تەيۋەن ھەمدە تيەنئەنمىن ۋەقەسى قاتارلىق سىياسىي تۈس ئالغان مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقماسلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، "خىتاي ساياھەتچىلىرىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى كۈتۈۋالغىلى بولىدۇ؟" دېگەن تېمىدىكى مەزكۈر 65 بەتلىك قوللانمىدا ساياھەتچىلەرگە " قانداق پىكىرلىشىش ۋە قانداق سودا قىلىش " ھەققىدە يول كۆرسىتىدىغان پىكىرلەر كۆرسىتىلگەن بولۇپ، سىياسىي تۈس ئالغان سەزگۈر مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.
بۇ ئارىدا فرانسىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋە پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى بىرلەشمىسىنىڭ باياناتچىسى، فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئىنتايىن كۈلكىلىك بىر ئىش دەپ بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتايدا "تيەنئەنمىن ۋەقەسى" دېگەن ئاتالغۇ ئاللىقاچان چەكلەنگەن ، بىراق ، فرانسىيە خىتاينىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە ئىش قىلماسلىقى كېرەك ئىدى" دېدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فرانسىيىگە كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ سانى يىلدىن - يىلغا كۆپەيگەن ، 2006- يىلى فرانسىيىگە كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 660 مىڭغا يېتىدىكەن.
خىتاينىڭ فرانسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئالاھىدە يېقىن بولۇپ، فرانسىيە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش پىكىرىدە ئەڭ چىڭ تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى شىراكتىن كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلەشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي بىلەن فرانسىيە 14 خىل ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزدى
- فرانسىيە پرېزىدېنتى جاك شىراك خىتاينى زىيارەت قىلدى
- فرانسىيە: خىتاي توقۇمىچىلىق ئېكسپورتىنىڭ كۆپىيىشى ناھايىتى جىددىي بىر مەسىلە
- خىتاي فرانسىيىدىن يولۇچىلار ئايروپىلانى سېتىۋېلىش توختىمىغا ئىمزا قويدى