ئالتاي ئالتۇن تاغ ساياھەت لىنىيىسى ئېچىش مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېچىلدى


2007.10.09

9 - ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى، رۇسىيىنىڭ ئالتاي رايونىدىن كەلگەن بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالتاي ئالتۇن تاغ تىزمىلىرى ساياھەت لىنىيىسى ئېچىش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن خىتايدا ئېچىلىۋاتقان قازاقىستان، خىتاي ، موڭغۇلىيە ۋە رۇسىيە ھەمكارلىقىدىكى ئالتاي رايونى تەرەققىياتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.

ئالتاي ساياھەت شىركىتى ، بېلوۋوديە ساياھەت شىركىتى ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كەلگەن ئالتاي رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بورىس لارىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، زىيارەت جەريانىدا ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي بىلە كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى ئالتاي تاغ تىزمىلىرىدىن ئۆتۈپ موڭغۇلىيە، قازاقىستان ۋە رۇسىيىگىچە سوزۇلىدىغان ساياھەت لىنىيىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.

خەلقئارالىق ماسلاشتۇرۇش كېڭىشى، "ئالتاي- ئالتۇن تاغلىرى" لىنىيىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان بىر خەلقئارالىق چېگرا ھالقىغان ئېكسپېدىتسىيە پائالىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەت بۇ يىل 6 -ئىيۇل باشلىنىپ 22 -ئىيۇل ئالتاي رايونىدىكى خىلۋەت شەھەر بېلوكۇرىخادا ئاياغلاشقان.

بۇ ئېكسپېدىتسىيە لىنىيىسى رۇسىيىنىڭ ئالتاي رايونى، ئالتاي رېسپۇبلىكىسى، موڭغۇلىيىنىڭ بايان ئۇلگىسكي ئايمىقى ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە شەرقىي قازاقىستاندىن ئۆتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.