ئامېرىكا پرىزىدېنت نامزاتلىرى تاشقى سىياسەت ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ باردى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى پرىزىدېنت نامزاتى جيورجى بۇش بىلەن دىمۇكراتلار پارتىيەسى پرىزىدېنت نامزاتى جون كەرىي، پەيشەنبە كۈنى تېلېۋىزوردا تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە مۇنازىرە ئېلىپ باردى.

90 مىنۇت داۋاملاشقان مۇنازىرە ئىراق مەسىلىسى، تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇش، ئافغانىستان ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە دائىر تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلدى. جون كەرىي، بۇش ئەپەندى ئىراق مەسىلىسىدە ئامېرىكا خەلقىنى خاتا يولغا باشلىدى دەپ ئەيىپلىدى. بىراق، جون كەرىينىڭ تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇشتىكى مەيدانى تۇراقسىز دەپ ئەيىپلىگەن پرىزىدېنت بۇش، ئەگەر سىز تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلماقچى بولسىڭىز مەيدانىڭىزنى ئۆزگەرتمەسلىكىڭىز كېرەك ، بىراق ئۇ مەيدانىنى ئۆزگەرتتى دەپ تەنقىتلىدى. جون كەرىي، پرىزىدېنت بۇشنىڭ ئىراققا ئەسكەر چىقىرىش ھەركىتىنى ئەيىپلىدى. پرىزدېنت بۇشنىڭ ئىراققا ئەسكەر چىقىرىش بىلەن خاتالاشقانلىقىنى تەنقىتلىگەن جون كەرىي، ئەگەر سىزنىڭ تىنچلىققا بەرپا قىلىش پىلانىڭىز بولمىسا ئامېرىكىنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرمەسلىكىڭىز كېرەك دەپ ئەسكەرتتى.

پرىزىدېنت بۇش بولسا ئىراق ھەركىتىنى ئاقلاپ، ئىراق مەسىلىسىدە ئىلگىرلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئىلگىتى سۈردى. بىراق نامزاتلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ، ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ تەھدىت قىرغىنچىلىق خارەكتىرلىك قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىش خەۋپى دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى يەنە پرىزىدېنت پۇتىن ۋە روسىيە ۋەزىيىتى، سۇداننىڭ دارفۇر رايۇنىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. شىمالى كورىيە مەسىلىسىسدە جون كەرىي، پيوڭياڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى. پرىزىدېنت بۇش، شىمالى كورىيە يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى 6 دۆلەت سۆھبەت مۇساپىسىنى ئۆزگەرتىش چوڭ خاتالىق دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا پرىزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ مۇنازىرىسى فلورىدا شتاتىنىڭ مەيئامى شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى. (ئەركىن)