ئامېرىكا پرېزدېنت نامزاتلىرى ئاخىرقى مۇنازىرىسىنى ئېلىپ باردى

ئامېرىكا پرېزدېنتى جورج بۇش ۋە ئۇنىڭ رىقابەتچىسى- دىمۇكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ پرېزدېنت كاندىداتى جون كەررىي چارشەنبە كۈنى كەچتە ئارىزونا شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتېتتا بۇ قېتىمقى پرېزدېنت سايلىمىنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق مۇنازىرىسىنى ئېلىپ باردى.

ئىككى كاندىدات مۇنازىرىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتى. ئامېرىكا خەلقى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىۋاتقان خىزمەت پۇرسىتى ۋە سالامەتلىك سۇغۇرتىسى مەسىلىسىدە جون كەررىي جورج بۇشنى قاتتىق ئەيىپلىدى. ئۇ ئۆتكەنكى نەچچە ئون يىلغا سېلىشتۇرغاندا،ئۆتكەنكى ئۈچ يىلدا ئامېرىكىدىكى ئىشسىزلار سانىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغانلىقىنى، بۇنىڭدىن سىرت بەش مىليون ئامېرىكىلىقنىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتىسى يوقلىقىنى كۆرسەتتى.

پىرىزىدېنت بۇش بولسا بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، جون كەررىينىڭ پۈتۈن خەلقنى سالامەتلىك سۇغۇرتىسى بىلەن تەمىنلەش پىلانىنىڭ ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت مالىيىسىنىڭ زور چىقىم تۆلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

كۆچمەنلەر سىياسىتى ۋە چەتئەللىك ئىشچىلارنى ئىشلىتىش مەسىلىسىدە، جورج بۇش چەتئەللىك ئىشچىلارغا ۋاقىتلىق خىزمەت كىنىشكىسى بېرىپ، قانۇنلۇق ئىشلىشىگە يول قويۇش كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىراق قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى كەچۈرۈم قىلىپ، پۇقرالىققا ئېلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جون كەررىي بولسا،قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكىدا بىر نەچچە يىل ئىشلىگەندىن كىيىن، ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئىلتىماس قىلىشىغا يول قويۇشنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)