ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى چەن چىچەننىڭ سۆزىگە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلدى


2004.11.01

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى چەن چىچېننىڭ پرېزىدېنت بۇش ھەققىدىكى سۆزلىرى توغرىسىدا ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

چەن چىچەن خىتايدا ئەنگلىزچە چىقىدىغان خىتاي كۈندىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلغان بىر ئوبزوردا، ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمى ھارپىسىدا پرېزىدېنت بۇشنى تەنقىد قىلىپ ، پۈتۈن دۇنيانى باشقۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى .

ئامېركا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى رىچارد باۋچەر، ۋاشنگتوندا بەرگەن باياناتىدا، گەرچە چەن چىچەن ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىدە رەسمى بىر ۋەزىپىسى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۆزلىرى بىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پاۋەلنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىمىزدە ئاڭلىغان سۆزلىرىمىزگە پۈتۈنلەي خىلاپ ئىپادىلەر . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خىتاي ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ، چەن چىچەننىڭ سۆزلىرى ۋە مەقسەتلىرى ھەققدە بىزگە چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز دىدى . (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.