ئىراق پارلامېنتىدا شىئەلەرنىڭ كۆپ سانلىقنى ئىگىلىشى پەرەز قىلىنماقتا

ئىراقتا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ ئاۋاز بېرىلىش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىغان ۋاقىت يېقىنلاپ قالدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر سايلامدا بېرىلگەن ئاۋازلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى تېخى چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما تاشلانغان بېلەت ئەھۋالىغا قاراپ پەرەز قىلىنىشىچە، 275 كىشىلىك ئىراق دۆلەت پارلامىنتىدا ساننىڭ يېرىمىدىن كۆپراقىنى شىئەلەرنىڭ ئىگەللەپ كېتىشى ئېھتىمالغا يېقىن.

كۇرتلارنىڭ پارلامېنتتا سان ئىگىلەش نىسبىتى شىئەلەردىن قالسا 2 - ئورۇندا تۇرۇشى مۇمكىن. 1 - ئاينىڭ 30 كۈنى باشلانغان ئىراق پارلامېنت سايلىمى ئىراقتا 50 يىلدىن بۇيانقى ۋە سادام ھۈسەييىن 2003 - يىلى ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق دېموكراتىك سايلام بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى سۈننىيلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىشى مۇمكىن. ئىراقتا ھازىرغا قەدەر تېررورلۇق ھۇجۇملار بېسىلغىنى يوق. 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى باغدات شەھرىدىكى شىئەلەر ئولتۇراقلاشقان بىر مەھەللىدە ناۋاي دۇككىنىنىڭ ئالدىدا نان سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەت تۇرغان ئاھالىلارنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، 9 ئادەم ئۆلگەن. شۇ كۈنى يەنە شىئەلەر ئولتۇراقلاشقان مۇشايىپ دېگەن بىر مەھەللىدىكى دوختۇرخانىنىڭ تېمىنى ئاپتوموبىل بىلەن پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، 17 ئادەم ئۆلگەن. (ۋەلى)