موڭغۇلىيە يېڭى پرېزىدېنتىنى تاللاشقا تەييارلانماقتا


2005.05.22

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھازىر موڭغۇلىيىدە پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلماقتا. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، سابىق موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ھېسابلانغان، پارلامېنت باشلىقى ۋە سابىق باش مىنىستىر نامبار ئېنىكھبايارنىڭ باشقا رىقابەتچىلىرىنى يېڭىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى پەرەز قىلىنماقتا. بۇ ئەھۋال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە باشقا بىر قانچە پارتىيىدىن بولغان نامزاتلارغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان.

ئۆتكەن يىلى موڭغۇلىيىدە پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىپ، بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەر ھەم تالاش-تارتىشلار كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى ئاشقان ئىدى.

كۈزەتكۈچىلەر ئەگەر بۇ قېتىم كوممۇنىست ئېقىمىغا مەنسۇپ خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ نامزىتى ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، ھاكىمىيەتنى ئىگىلىسە، بۇ ئىككى پارتىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى پەرەز قىلماقتا.

موڭغۇلىيە ئىلگىرى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايانغان مەملىكەت بولۇپ، سوۋەتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇ دادىل تاشقى سىياسەت يۈرگۈزدى شۇنىڭدەك دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ باردى، بىراق ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلماسلىقى، قىيىنچىلىق، ئۇ جايدا سابىق خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ تەسىرىنى باش كۆتەرگۈزدى.

نۆۋەتتە، موڭغۇلىيە ئۆكتىچىلىرى ئارىسىدا خۇددى ئۇكرائىنىيە، گرۇزىيە ۋە قىرغىزىستاندىكىگە ئوخشاش ھەقىقىي دېموكراتىيلىشىشنى تەلەپ قىلىدىغان ھەرىكەتلەر مەۋجۇت بولماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.