ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سايلام تەكشۈرۈش خادىمى دۈشەنبە كۈنى بېلارۇستىكى پرېزىدېنت سايلىمىنى خەلقئارا قوبۇل قىلالايدىغان ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ دەپ كۆرسەتتى.
ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەنە، بۇ قېتىملىق سايلامدا كۆرۈلگەن بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ھەمدە دۆلەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش ئەھۋالىغا ئائىت نۇرغۇن مىساللارنى كۆرسەتتى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆكتىچى پارتىيە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.
مەزكۇر ياۋروپا ئىتتىپاقى تەشكىلاتى يەنە، بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ باشتىن- ئاخىر تەھدىت ۋەھىمىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما رۇسىيىنىڭ سايلام تەكشۈرۈش خادىمى بولسا بۇ سايلامنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۆكتىچى پارتىيە نامزاتى مىلىنكېۋىچ بۇ سايلامغا ھۆكۈمەتنىڭ قول تىققانلىقىنى ھەمدە لۇكاشېنكونىڭ قايتا پرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا مىلىنكېۋىچنىڭ قوللىغۇچىلىرى سايلام ئاخىرلاشقان يەكشەنبە كۈنى كەچتە مىنسك شەھىرىدە كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئويۇشتۇردى.
ئالېكساندىر لۇكاشېنكو پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن 12 يىلدىن بۇيان رۇسىيە پەرەس سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكى بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۈچىنچى قارار پرېزىدېنت بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. (پەرىدە)