كۈۋەيت ئاياللىرى تۇنجى قېتىم سايلامغا قاتناشتى

كۈۋەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا، كۈۋەيت ئاياللىرى تۇنجى بولۇپ نامزات كۆرسىتىش ۋە بېلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا 252 نەپەر كاندىدات ئىچىدىن 50 نەپىرى سايلام نامزاتى قىلىپ بېكىتىلگەن ، نامزاتلارنىڭ 28 نەپىرى ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان. كۈۋەيتتىكى ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئوخشاش بولمىغان بېلەت تاشلاش پونكىتلىرىدا بېلەت تاشلىغان.

سايلام ئۈچۈن بېلەت تاشلىغان 340 مىڭ ئادەم ئىچىدە ئاياللار 57 % نى ئىگىلەيدۇ.

كۈۋەيت پارلامېنتى ئۆتكەن يىلى ئاياللارنى سايلامغا قاتناشتۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدى. كۈۋەيت دۆلەت باشلىقى ئەمىر ئەلساباھ 5 ھەپتە بۇرۇن سايلام رايىنى قايتىدىن پىلانلاش قارارى بويىچە دۆلەت پارلامېنتىنى تارقىتىۋەتكەن شۇڭا بۇ قېتىمقى سايلام مۈددەتتىن بىر يىل بۇرۇن ئۆتكۈزۈلدى.

كۆپلىگەن ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئاياللار سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىننغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ، بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرى بۇ خىل تۈزۈمنى بىكار قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن يول ئاچماقتا. (ئەقىدە)