خەلقئارا سوت يۇقىرى دەرىجىلىك سېربىيە ئەمەلدارلىرىنى سوتلاشقا باشلىدى

گوللاندىيىنىڭ گائاگا شەھىرىدىكى ب د ت ئۇرۇش جىنايەتچىلەر سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى 6 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك سېربىيە سىياسىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارىنى سوتلاشقا باشلىدى. بۇ 6 ئەمەلدارنىڭ ھەممىسى سابىق يۇگۇسىلاۋىيە پرېزىدېنتى سلىبودان مىلۇشىۋېچنىڭ يېقىنلىرى بولۇپ، 1998 ۋە 1999 - يىللىرى كوسوۋالىق ئالبانلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان، دەپ ئەيىبلەنمەكتە.

مىلۇشىۋېچ بۇ يىل 3 - ئايدا گائاگادىكى ب د ت ئۇرۇش جىنايەتچىلەر سوت مەھكىمىسىنىڭ سولاقخانىسىدا يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئوخشاش جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن. بۇ 6 ئەمەلدار ئىچىدە سېربىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى مرادىنوۋېچ ۋە يۇگۇسىلاۋىيە ئارمىيىسىنىڭ سابىق شتاب باشلىقى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلار بار.

خەلقئارا مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى دۈشەنبە كۈنى سوتنىڭ باشلىنىشىغا بۇ كىشىلەر مىلۇشىۋېچ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش، ئالبانلارنى يۇرت ماكانىدىن قوغلاپ چىقىرىپ سېربىيىنىڭ كوسوۋادىكى كونتروللۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان، دەپ ئەيىبلىدى. تەپتىش ئەمەلدارى ئۇلارنى يەنە، سېربىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالبانلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان زوراۋانلىقىغا كۆز يۈمۈش بىلەن ئەيىبلىگەن.

لېكىن ئۇلار تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرىنى گۇناھسىز، دەپ جاكارلىدى. جۇڭگو كوسوۋا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ش ئا ئە ت نىڭ سېربىيىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا قارشى چىققان ۋە مىلۇشىۋېچنىڭ ئالبانلارغا قارشى ھەرىكىتىنى قوللاپ ش ئا ئە ت نىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدىن قاتتىق بىئارام بولغان ئىدى. (ئەركىن)